-
ئۆگىنىمەن ناماز ئوقۇشنى
2008-12-22
تۈرى:
ئۆگىنىمەن ناماز ئوقۇشنى
ئۆگىنىمەن ناماز ئوقۇشنى،
ئانا مېنى تۇرغۇز قېشىڭدا.
سەن كىچىك دەپ ھەيدىمە مېنى ،
ئاز قالدىمغۇ ناماز يېشىمغا.
دادا مەنمۇ ناماز ئوقۇيمەن،
ئېلىپ بارغىن بىللە مەسجىدكە.
تۇرالايمەن ئويغاتساڭ ئەگەر،
سەندىن بۇرۇن ئەتىگەنلىككە.
ئۇقىۋالدىم ناماز ۋاقتىنى،
سۈبھى تاڭدا بولاركەن بامدات.
بۇندا كىچە كۆزگە ئۇيقۇ يوق،
تەقەززامەن تاڭ ئاتقىن تاڭ ئات.
چۈشلۈك تاماق يەپ بولدۇم مانا.
ئېلىۋالاي دەرھال تاھارەت.
چۈنكى ھازىر بولىدۇ پىشىن،
ئوقۇۋالاي ئازادە- راھەت.
بالدۇر ئەكەل يەسلىدىن مېنى،
ئوقۇمىسام بولمايدۇ ئەسىر.
ئويۇن بىلەن بولمايمەن ھايال،
يەتكۈزمەيمەن نامازغا تەسىر.
قاراڭغۇلۇق باسسا جاھاننى،
بولىدىكەن نامازشام ۋاقتى.
ھەراس تېخى خۇپتەن بار ئىكەن،
تاس قاپتىمەن ئۇخلاپ قالغىلى.
ئۈگىنىمەن ناماز ئوقۇشنى،
ئۈگىتىڭلار ئاتا- ئانىلار.
ئىبادەتنى باشلايلى بىزمۇ،
ئۆتۈنىمىز ھەممە بالىلار.





